باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى 2014-يىللىق يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى مەبلىغىدىن 87 مىليارد 897 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى

2014.06.09 09:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2014-يىللىق يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى مەبلىغىدىن 87 مىليارد 897 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2014-يىلى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى مەبلىغى ئاساسلىقى يېزىلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىپ بىرنى تولۇقلاش» سىياسىتىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ياتاق بىنالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۇزاق مۇددەتلىك مېخانىزمنى ئورنىتىش، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېزا كەنتتىكى مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىغا بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تۆت جەھەتكە ئىشلىتىلىدىكەن. مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2014-يىلى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆكۈمەت خىراجىتى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ئاساسى 40 يۈەن بولىدۇ، ئوتتۇرا غەربىي رايوندىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئۆلچىمى 600 يۈەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 800 يۈەن، شەرقىي قىسىمدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 650 يۈەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 850 يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ، مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئوقۇتۇش تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى چىقىم ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر