باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلىگىرى سۈرۈش يىرىك پىلانىنى تۈزدى

2014.06.12 02:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى فەن خېڭشەن تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ رايون تەرەققىياتى توغرىسىدا سۆزلىگەندە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەخسۇس جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار يىرىك پىلاننى تۈزۈپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن جۇڭگونىڭ رايون تەرەققىياتى ۋە سىياسىتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى فەن خېڭشەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يېقىندا ئېچىلغان 2-قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا مەخسۇس تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە بەزى يېڭى تەدبىرلەر تۈزۈلدى. بىز رايون ئىستىراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش-ئەمەلىيلەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن، مەخسۇس جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار يىرىك پىلاننى تۈزۈپ چىقتۇق. شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات شارائىتى بىر قەدەر ياخشى، تەرەققىيات ئەھۋالىمۇ بىر قەدەر ياخشى؛ جەنۇبىي شىنجاڭ نامراتراق ھەم ئانچە تەرەققىي تاپمىغان. رايون ئىستىراتېگىيەسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بىز شىنجاڭنىڭ رايونلار ئارا ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمىز». جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر