باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەل ئابىدەدىن ئىللىقلىق كەلدى(1)

2014.06.11 00:39   مەنبە: خەلق تورى

ئەل ئابىدەدىن ئىللىقلىق كەلدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى: ئەل ئابىدە خەير-ساخاۋەت ئەترىتىنىڭ باش قۇرغۇچىسى مىنەۋەر مەمەت خانىم، كورلا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش ۋاكالەتچى ئارزىگۈل يۈسۈپ خانىم ۋە گۇرۇپپا ھەيئەتلىرىدىن ئابلاجان تۇرسۇنلار 6-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزا قاراباغ كەنت ئوقۇتۇش نوقتىسىغا يېتىپ كېلىپ، بۇ مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئەل ئابىدە خەير ساخاۋەت جەمئىيىتىدىكىلەر 3500 يۈەن قىممىتىدىكى 25 دانە سومكا، 600 دانە دەپتەر-قېرىنداش، 50 يۈرۈش كىيىم-كېچەك، 1000 يۈەن نەق پۇل، گۇرۇپپا ئەزاسى مەدىنە 300 يۈەن ياردەم قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا گۇرۇپپا ئەزاسى ئابلاجان تۇرسۇن ئۆز يېنىدىن 2068 يۈەنگە بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 192 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە بىر جۈپتىن ئاياق تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىن ياخشى ئوقۇپ، ۋەتەن-خەلققە ياراملىق ئىزباسارلاردىن بولۇپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلدى. ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن ئەقىدە، ئەنقەرجان، نەبى، ئىمران قاتارلىق ساۋاقداشلار ئۇلارغا بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بەس-بەستە بىلدۈرۈپ، ياخشى ئوقۇپ، كەلگۈسىدە ساخاۋەتچى ھەدە تاغىلىرىمىزنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز دەپ ۋەدە بېرىشتى ھەمدە ئوقۇغۇچىلار مىنەۋەر خانىم ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ قول ئىمزاسىنى قويۇپ بەردى. پائالىيەت ئاخىرىدا، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئەل ئابىدە خەير ساخاۋەت جەمىيىتىدىكىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ تەييارلىغان مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىي-سەنئەت، قىزىقارلىق يۇمۇر، لەتىپىلىرىنى ئورۇنداپ ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۈرۈمچى ئەل ئابىدە خەير ساخاۋەت جەمئىيىتىنىڭ باش قۇرغۇچىسى مىنەۋەر مەمەت خانىممۇ ساۋاقداشلار بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناپ، پائالىيەت كەيپىياتىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈردى. مىنەۋەر مەمەت خانىم بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئايرىلىش ئالدىدا بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا: مۇشۇ مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا ھەرقايسى دەرسلىكلەردە 90 نومۇردىن يۇقۇرى ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى كاتتا مۇكاپاتلايمەن، مەن ھازىر ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزگىلى ماڭدىم. قايتىپ كېلەشىمدە يەنى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇشۇ مەكتەپكە كېلىپ، شۇ ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇسۇل مەشىق كىيىمىنى ئېلىپ بېرىمەن، دەپ ۋەدە بەردى. بارلىق ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىشتىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدى ھەمدە مىنەۋەر خانىم بۇندىن كېيىن كورلا شەھىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشى، ۋە تەرەققىي قىلىشى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا داۋاملىق ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئەل ئابىدە خەير ساخاۋەت جەمئىيىتى 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى مىنەۋەر مەمەت خانىمنىڭ باش يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىدىكى 30 كىشىلىك ساخاۋەتچىلەردىن تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە 900 دىن ئارتۇق مۇنتىزىم ئەزاسى بار بولغان تەرتىپلىك، قانۇنلۇق تەشكىلگە ئايلاندى. بۇ جەمئىيەت قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە جەمىئىي 31 قېتىم ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ناھىيە، يېزا مەيدانلاردىكى مېيىپ، ئاجىز، ياشانغان، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا قىلىنغان ئەمەلي ياردەم ئومۇمىي سوممىسى 395 مىڭ 220 يۈەندىن ئاشقان. ئەل ئابىدە خەير ساخاۋەت جەمىيىتى 2014-يىلىدىن باشلاپ مائارىپنى ئاساس قىلىپ، كورلا شەھىرىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، توبرىچى يېزىلىق ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ، ئەللىك كەتمەن باشلانغۇچ مەكتەپ، كورلا شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ، تېكىچى يېزىلىق ياشانغانلار ساناتورىيەسى قاتارلىق جايلاردا ئىللىق يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرغان.

  سۈرەتتە: ئەل ئابىدە خەير-ساخاۋەت جەمىيىتىنىڭ گۇرۇپپا ئەزاسى ئابلاجان تۇرسۇن ئەزالار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلارغا ئاياق تارقاتماقتا

  ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 【33】 【34】 【35】 【36】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى بېكىتىلدى
      ·شاڭخەيدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا(1)
      ·قازاقىستان پارلامېنتى رۇسىيىنىڭ قازاقىستان چېگراسى ئارقىلىق جۇڭگوغا نېفىت ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمىنى…
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالىي مەكتەپكە كۆچۈش ئىمتىھانىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشقا ئائىت كىتابلىرىنىڭ بازىرى ئىتتى…
      ·10 – ئىيۇن شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ پىلانى ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ
      ·جياڭشى يىچۇەندىكى ھەقىقەت ئۈچۈن پىداكارلىق  قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى ئايرىم ئىمتىھان بېرىدۇ…
      ·بىرقانچە تارماق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇر…
      ·مەملىكەت بويىچە ئاتا ئانىسى بىلەن ئەگىشىپ كەلگەن 56 مىڭ ئوقۇغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قەھرىمانلىق يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئايرىم ئىمتىھان ئالماقچى
      ·ئىككى ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن قاتىل بىلەن ئېلىشىپ يارىلاندى