باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

10 – ئىيۇن شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ پىلانى ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ

2014.06.10 02:50         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ، 2014–يىللىق شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ پىلانى ئۇچۇرى 10–ئىيۇن ئېلان قىلىنىدىكەن.

  2014–يىللىق شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى تۆۋەندىكىچە : 8–ئىيۇندىن 14–ئىيۇنغىچە جاۋاب يېرىش كارتىسى (ئىمتىھان قەغىزى) يىغىۋېلىنىدۇ ، 10–ئىيۇن ‹‹ شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cnياكى http://www.xjzs.edu.cn) ›› دا 2014–يىللىق شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ پىلانى ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ ؛ 10–ئىيۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 8:00 دىن 19–ئىيۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20:00 گىچە توردا ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ ؛ 13–ئىيۇندىن 24–ئىيۇنغىچە ئەسكەر ۋە ساقچىلىققا ، دۆلەت مۇداپىئەسى كەسپىگە ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى تۈرىدىكى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ سىياسىي تەكشۈرۈشى ، يۈز تۇرانە ئىمتىھانى ، تەنتەربىيە ئىمتىھانى ۋە ھەربىي تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىدۇ ؛ 14–ئىيۇندىن 25–ئىيۇنغىچە توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈلىدۇ ؛ 25–ئىيۇن ئەتراپىدا نەتىجە ئېلان قىلىنىدۇ ؛ 28–ئىيۇن ئەتراپىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى شىنجاڭنىڭ 2014–يىللىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىنى ئېلان قىلىدۇ ؛ 3–ئىيۇن توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلىنىدۇ .

  8–ئىيۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17:00 دە ، شىنجاڭنىڭ 2014–يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ 2–كۈنىدىكى ئىمتىھانى ئاخىرلاشتى ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا ، ئالدىنقى ئىككى كۈنلۈك ئىمتىھان مەزگىلىدە 26 كىشى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان . 2014–يىللىق ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئاساسەن ، شىنجاڭدا 9 –ئىيۇن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 15:00 تىن 17:00 گىچە قوش تىل سىنىپلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى ئېلىپ بېرىلىدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر