باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: يېڭىلىق يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش، يەنە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتەيلى

2014.06.11 00:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 17-نۆۋەتلىك ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك ئاكادېمىكلار يىغىنى 9-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن خەلق چوڭ سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى يېڭىلىق يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش يەنە يېڭىلىق يارىتىشتۇر. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىدە، ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئەڭ تەخىرسىز بولغىنى تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇسىنى بۇزۇپ تاشلاش، بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولمىش پەن-تېخنىكىنىڭ زور يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئەڭ زور چەكتە ئازاد قىلىش ۋە قوزغاش كېرەك. جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، نۇقتىلىق ھالقىش، تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش، كەلگۈسىگە يېتەكلەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىش لازىم. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر