باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى: «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ توردا بىۋاسىتە پىلانلاش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش، تەشكىللەش ئارقىلىق جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە تولۇق ئىسپات بار

2014.06.11 00:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 9-چېسلا مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تور ئارقىلىق دىنىي ئاشقۇن ئىدىيە ۋە تېررورلۇق ۋاسىتىلىرىنى كۈچىنىڭ بارىچە تارقاتتى، ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە پىلانلاش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش، تەشكىللەش ئارقىلىق جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە تولۇق ئىسپات بار.

  خۇا چۇنيىڭ مۇناسىۋەتلىك تورلارنىڭ دىنىي ئاشقۇن ئىدىيە تارقىتىش جەھەتتە قانداق رول ئوينىغانلىقى مەسىلىسىگە جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ساقچى دائىرىلىرى ئاشكارىلىغان ئەھۋاللارغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا يۈز بەرگەن «30-ئاپرىل» زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇم دېلوسى چېگرا سىرتىدىكىلەر قوماندانلىق قىلىپ، چېگرا ئىچىدىكىلەر ئېلىپ بارغان ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق خاراكتېرىدىكى پارتلىتىش ھۇجۇمى دېلوسى بولۇپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئەزالىرى چېگرا سىرتىدا پىلانلاپ، چېگرا ئىچىدىكى شېرىكلىرىگە يول كۆرسىتىپ، كونكرېت ئىش تەقسىماتى بويىچە ئېلىپ بارغان. بۇ گۇرۇھنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ 2005-يىلىدىن بۇيان دىنىي ئاشقۇن ئىدىيەنى تەرغىپ قىلىپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئېنىقلاندى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» كۈچىنىڭ بارىچە تور ئارقىلىق دىنىي ئاشقۇن ئىدىيە ۋە تېررورلۇق ۋاسىتىلىرىنى تارقاتتى، بىۋاسىتە پىلانلاش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش، تەشكىللەش ئارقىلىق جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە زوراۋانلىق-تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى. بۇ ھەقتىكى ئىسپاتلار تولۇق. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر