باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن قاتىل بىلەن ئېلىشىپ يارىلاندى

2014.06.09 09:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  31- ماي، جياڭشىنىڭ يىچۈندىكى بىر ئاپتوبۇستا، بىر ئەر ئۇشتۇمتۇت قولىغا قىڭراق ئېلىپ كىشىلەرنى يارىلاندۇرغىلى تۇردى، نەچچە يولۇچى يارىلاندى، مۇشۇنداق خەتەرلىك جىددىي پەيتتە، تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئىككى ئوقۇغۇچى خەتەرگە قارىماستىن قاتىل بىلەن ئېلىشىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى قىڭىراقنى تارتىۋېلىپ ئۆزلىرى يارىلاندى، بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن، تۈنۈگۈنكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشالمىدى.

  قاتىل بىلەن ئېلىشقان بۇ ئوقۇغۇچى يىچۈەن 3-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا 3- يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ليۇ يەنبىڭ ئىدى. شۇ چاغدا ئۇ قاتىل تەرىپىدىن يارىلانغان بولسىمۇ، ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، قىڭراقنى قاتىلنىڭ قولىدىن ئېلىۋېلىپ، تېخىمۇ زور ئۆلۈم يېتىم يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. مۇخبىر يىچۈن شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا ليۇ يەنبىڭ ۋە ئۇنىڭ ساۋاقدىشى يى جېڭيۇڭنى كۆردى.

  ليۇ يەنبىڭ مۇخبىرغا: شۇ چاغدا قاتىل مېنىڭ ساۋاقدىشىم يى جېڭيۇڭنى يارىلاندۇردى، قاتىل ئالدىنقى ئىشىككە قاراپ قاچقاندا، مەن ئىككىلەنمەستىنلا ئۇنى قوغلاپ بېرىپ قولىدىكى قىڭراقنى ئېلىۋالدىم،دېدى.

  ۋەقە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇستا 35 يولۇچى بولۇپ 6 سى يارىلاندى، ئەگەر بۇ ئىككى ئوقۇغۇچى ۋاقتىدا قاتىلنىڭ قولىدىكى قىڭراقنى ئېلىۋالمىغان بولسا، ئاقىۋەت مۆلچەرلىگۈسىز بولاتتى. ليۇ يەنبىڭنىڭ بېشى يارىلاندى، 10 نەچچە يىپ تىكىلدى، بىلىكىنىڭ بىر قانچە يېرى يارىلاندى. يى جېڭيۇڭنىڭ دۈمبىسى ۋە بىلىكىنىڭ بىر قانچە يېرى يارىلاندى. ئەسلىدە بۇ ئىككىيلەنمۇ باشقا ساۋاقداشلىرىغا ئوخشاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشماقچى ئىدى، ئەمما يارىسى ئېغىر بولغاچقا، ئىمتىھانغا قاتنىشالمىدى. نۆۋەتتە جىنايەت گۇماندارى تورغا چۈشتى، دېلو تەكشۈرۈلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر