باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2-پەسىل كىرگەندىن بۇيان، 15 چوڭ سىياسەت ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى

لى كېچياڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى تەكىتلىدى

2014.06.10 02:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئاينىڭ 2-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا كىچىك-مىكرو كارخانىلارغا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇش دائىرىسىنى زورايتىش تەتقىق قىلىندى، ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلىنىڭ كەپىلىكلەرنى ئۆزگەرتىشتىكى تىرەكلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، تۆمۈريول مەبلەغ سېلىش-مەبلەش يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە ئائىت سىياسەت-تەدبىرلەر بېكىتىلدى.

  4-ئاينىڭ 16-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا 1-پەسىللىك ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىندى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ 2014-يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، پۇل مۇئامىلىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشىغا دائىر تەدبىرلەر بېكىتىلدى، ئىگىلىك تىكلەش-ئىشقا ئورۇنلىشنى قوللايدىغان ۋە ئىلگىرى سۈرىدىغان باج سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش قارار قىلىندى.

  4-ئاينىڭ 22-كۈنى، گوۋۇيۈەن «پۇل مۇئامىلىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشىغا دائىر بىر قانچە پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، كاپىتال بازىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلارغا يار-يۆلەك بولۇش رولىنى ئۈچ جەھەتتىن كۈچەيتىپ، يېزا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى تەكىتلىدى.

  4-ئاينىڭ 23-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشتا ئۆزئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا ئائىت سىياسەت-تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش بېكىتىلدى، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردە ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدىغان بىر تۈركۈم تۈرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش قارار قىلىندى.

  4-ئاينىڭ 25-كۈنى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ناھىيەلىك يېزا سودا بانكىلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئامانىتى تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى 2 پىرسەنت پوئىنتى، ناھىيەلىك يېزا ھەمكارلىق بانكىلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئامانىتى تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى 0.5 پىرسەنت پوئىنتى چۈشۈردى.

  4-ئاينىڭ 30-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا تاشقى سودىنى مۇقىم ئاشۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشقا يار-يۆلەك بولۇش خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە ئائىت سىياسەت-تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  4-ئاينىڭ 30-كۈنى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2014-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تېلېگراف كەسپىنىڭ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بېكىتتى، بۇ ئارقىلىق قوشۇلما قىممەت بېجىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش زەنجىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆۋەن ھالقىدىكى كارخانىلارنىڭ سېتىۋېلىنغان تۈرلەر بېجىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى ئىسلاھات پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ.

  5-ئاينىڭ 7-كۈنى، گوۋۇيۈەن «سۈپەت تەرەققىيات پىروگراممىسىنى ئىزچىل يولغا قويۇشنىڭ 2014-يىللىق ھەرىكەت پىلانى»نى تارقىتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنى يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  5-ئاينىڭ 9-كۈنى، گوۋۇيۈەن «كاپىتال بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە پىكىر»نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدا كاپىتال بازىرىنىڭ بايلىق تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىندى.

  5-ئاينىڭ 14-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ مۇھىم نۇقتا ۋە ئاجىز ھالقىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  5-ئاينىڭ 15-كۈنى، گوۋۇيۈەن «تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا يار-يۆلەك بولۇشقا دائىر بىر قانچە پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئورغۇتۇپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى شۈرۈشنى بېكىتتى.

  5-ئاينىڭ 16-كۈنى، خەلق بانكىسى، بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى، سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى، تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسى بىرلىكتە «پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوخشاش كەسىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، مەبلەغنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ كۆپ ئېقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەش يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا يار-يۆلەك بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى بېكىتتى.

  5-ئاينىڭ 21-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مەركەز مالىيەسىنىڭ گۈللەنمە كەسىپلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش مەبلىغىنىڭ كۆلىمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، دۆلەت گۈللەنمە كەسىپ ئىگىلىك تىكلەش-مەبلەغ سېلىش يېتەكچىلىك فوندىنى تېزدىن تەسىس قىلىپ، بازارلاشقان ئۇزاق مۇددەتلىك ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سېلىنمىنىڭ ئۈنۈملۈك قايتۇرۇۋېلىنىشى ۋە تەكرار ئىشلىتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش قارار قىلىندى.

  5-ئاينىڭ 30-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا كارخانىغا چېتىشلىق ھەقنى يەنىمۇ ئازايتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بېكىتىلدى، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا يار-يۆلەك بولۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە زورايتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، گوۋۇيۈەننىڭ يولغا قويۇلغان سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش قارار قىلىندى.

  6-ئاينىڭ 4-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مەمۇرىي ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش-ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بېكىتىلدى، نېفىت خىمىيە كەسپىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بىخەتەر، مۇھىت ئاسراشچان، تۈجۈپىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر