- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


«بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» نى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرايلى
2014.06.12 01:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 10-چېسلا «<بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش>نىڭ شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. بۇ مەركىزىي ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان شياڭگاڭ توغرىسىدىكى تۇنجى ئاق تاشلىق كىتاب بولۇپ، مەركەزنىڭ شياڭگاڭغا قارىتىلغان فاڭجېن-سىياسەتلىرى ھەققىدىكى مۇھىم جاكار ھېسابلىنىدۇ. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم» بولۇشنىڭ شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئەمەلىيىتىنى ئەسلەش ۋە خۇلاسىلەش ئارقىلىق، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ۋەتەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشقا، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ۋە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ توغرا يولدا ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيمىز. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر