خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 17-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 12-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ھەققىدە دوكلات بەردى.
لى كېچياڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىچى-سىرتى مۇھىتى مۇرەككەپ بولۇپ، قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر گىرەلىشىپ كەتتى، مەملىكىتىمىزدىكى يۇقىرى-تۆۋەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى، ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاندى، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە پائال ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى، بازار كۆزلىمىسى قاتارلىق بىر قىسىم تەرەپلەردە مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى يەنىلا بىرقەدەر زور، جايلارنىڭ تەرەققىياتى تەكشىسىز، تەرەققىياتنى بوغۇپ قويۇۋاتقان پايدىسىز ئامىللار ھېلىھەم كۆپرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېنىق تونۇپ ۋە توغرا ئىگىلەپ، ھەم ئىشەنچنى چىڭىتىپ كۈچنى ساقلاپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشىنى داۋاملىق ساقلىشىمىز، ھەم بىپەرۋالىق قىلماي، مەسىلىگە يۈزلىنىپ، پىلانلاش ۋە ئىشلەشكە ماھىر بولۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسەت قورالىنى بېيىتىپ، سىياسەتلەرنىڭ بىرىكىشىنى ياخشىلاپ، رايونلۇق تەڭشەشتە يۆنىلىشلىك تەڭشەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرىكەت جەريانىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەڭشەش-تىزگىنلەشنىڭ «نىشانى» قىلىپ، نەق، دەل ۋاقتىدا، مۇۋاپىق بولۇشقا كۈچەپ، ئالدىن تەڭشەش-كىچىك تەڭشەشنى ياخشى ئىشلەپ، سۇ كەلگۈچە تۇغان تۇتۇپ، يىراق كەلگۈسى بىلەن ھازىرقىنى بىرىكتۈرۈپ، خەۋپ-خەتەردىن مۇداپىئەلىنىپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئىسلاھاتتىن، قۇرۇلما تەڭشەشتىن ۋە خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتىن ئھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىپ، سىياسەت قاتلانما ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى