باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا بېنگال زۇڭلىسى ھاسىنا بىلەن كۆرۈشتى

2014.06.12 01:41   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا بېنگال زۇڭلىسى ھاسىنا بىلەن كۆرۈشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا بېنگال زۇڭلىسى ھاسىنا بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو جۇڭگو-بىنگال مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بېنگالنى جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ھىندى ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق شېرىكى دەپ قارايدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقپالا پارلاق. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئىككى تەرەپ يۇقۇرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى ساقلاپ، كۆپ خىل شەكىللىك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى سەھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن بېنگالنىڭ تېخىمۇ يېقىن بولغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو بېنگالنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، يېزا-ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردە بېنگال بىلەن تېخنىكا ۋە تەجرىبىلەردىن ئورتاق بەھرىمان بولۇپ، بېنگالنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. بېنگال دېڭىز يىپەك يولىدىكى مۇھىم دۆلەت. جۇڭگو بېنگالنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى قۇرۇشقا ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى ھەمكارلىقى تەشەببۇسىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېنگال، جۇڭگو، ھىندىستان، بېرما ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە مەزكۇر رايون خەلقىگە بەخت يارىتىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە مۇھىم مەسىلىلەردىكى چۈشىنىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تىنچلىقنى قوغداش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  ھاسىنا جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بېنگالنى قوللاپ كەلگەنلىكى ۋە ياردەم قىلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر بېنگال نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، 2021-يىلىغا بارغاندا، ئوتتۇراھال كىرىملىك دۆلەت قۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا. بېنگال جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە داۋاملىق جۇڭگونى قەتئىي قوللايدۇ. بېنگال جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇش مۇھىم تەشەببۇسىغا قوشىلىدۇ. بېنگال، جۇڭگو، ھىندىستان، بېرما ئىقتىساد كارىدورى جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بېنگال بۇنىڭغا ئاكتىپ قاتنىشىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سۇئالى تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ
      ·دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى بېكىتىلدى
      ·شاڭخەيدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا(1)
      ·قازاقىستان پارلامېنتى رۇسىيىنىڭ قازاقىستان چېگراسى ئارقىلىق جۇڭگوغا نېفىت ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمىنى…
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالىي مەكتەپكە كۆچۈش ئىمتىھانىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشقا ئائىت كىتابلىرىنىڭ بازىرى ئىتتى…
      ·10 – ئىيۇن شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ پىلانى ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ
      ·جياڭشى يىچۇەندىكى ھەقىقەت ئۈچۈن پىداكارلىق  قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى ئايرىم ئىمتىھان بېرىدۇ…
      ·بىرقانچە تارماق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇر…
      ·مەملىكەت بويىچە ئاتا ئانىسى بىلەن ئەگىشىپ كەلگەن 56 مىڭ ئوقۇغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قەھرىمانلىق يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئايرىم ئىمتىھان ئالماقچى