- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئەمەلىي، چوڭقۇر، ئەلگە يارايدىغان قىلىپ ئىشلەش كېرەك
2014.06.10 12:26 مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
جاڭ چۈنشيەن ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 6– ئىيۇن چۈشتە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ شۆجۈن باشچىلىقىدىكى ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش جەريانىدا يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق تەرەپلەردە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئاشۇرۇپ تاماملاپ، يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ 2– قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىش، بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىگە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەركەزنىڭ 2– قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە. ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قوش تىل مائارىپى، كەسپىي مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاڭ شۆجۈن مۇنداق دېدى: ئەنخۇي ئۆلكىسى كېيىنكى قەدەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەيدۇ. جانغا ئەسقاتىدىغان، ئەلرايىنى مايىل قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىدۇ، ئەلرايىغا ئۇيغۇن، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى بەجانىدىل بېجىرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر