ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، شىنجاڭ خەلقئارا سودا مەركىزى لاۋزىمات ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چى ۋېنجيې يىغىنىدا سۆز قىلماقتا
4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ پىدائىيلار كىيىمى ، كىنىشكا ، ئىشىك بېلىتى ، ئېلان ئورنىنىڭ ئىسىم قويۇش ھوقۇقىنى كىمئارتۇق يىغىنى 8-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلدى . بۇ قېتىمقى كىمئارتۇق يىغىنىدا تۆت خىل بەلگە 6 مىليون 180 مىڭ يۈەنگە سېتىلغان بولۇپ ، جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق بازارلىشىشنى سىناش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن .
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە ، بۇ يىغىن 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ 250 مىڭ دانە ئىشىك بېلىتى ، 30 مىڭ دانە كىنىشكا ، 2000 يۈرۈش پىدائىيلار كىيىمىگە چېتىلىدىكەن . كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق ، ئۈرۈمچى ئىقتىساد -تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ( تۇدۇڭخابا رايونى) پىدائىيلارنىڭ كىيىمى ۋە ئېلان ئورنى ئىسىم قويۇش ھوقۇقىنى 1 مىليون 640 مىڭ يۈەنگە ، ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ( يېڭىشەھەر رايونى ) كىنىشكا ۋە ئېلان ئورنى ئىسىم قويۇش ھوقۇقىنى 3 مىليون 40 مىڭ يۈەنگە ، شىنجاڭ ‹‹ جىنتوڭ ›› خەلقئارا ئوبوروت چەكلىك شىركىتى ، شىنجاڭ ‹‹ گۇاڭشېڭيۈەن ›› مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى ئىشىك بېلىتىنىڭ 3-بېتى ۋە ئىشىك بېلىتىنىڭ ئاخىرقى بېتىنىڭ ئېلان ئورنىغا ئىسىم قويۇش ھوقۇقىنى ئايرىم -ئايرىم ھالدا 600 مىڭ يۈەن ۋە 900 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالغان .
ئادىل ، ھەقىقىي بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، كىمئارتۇق يېپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىپ ، ئالدى بىلەن دەسلەپكى باھا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، نەق مەيداندا ۋە توردا كىمئارتۇق قىلىش تەڭ ئېلىپ بېرىلىپ ، نەق مەيدانغا كېلەلمىگەن ئورۇنلارمۇ يىراقتىن قاتناشقان .
ئىگىلىنىشىچە ، 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 1-سېنتەبىردىن 6-سېنتەبىرگىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن . 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ‹‹ ئىلمىيلاشتۇرۇش ، قېلىپلاشتۇرۇش ، خەلقئارالاشتۇرۇش سەۋىيەسى ›› نى نىشان قىلغان بولۇپ ، ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ دەرىجىسىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش ، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› يادرولۇق رايون قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن .