خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسپانىيە ۋاستىلىرىدىن ‹ماكا گېزىتى › يېقىندا توردا دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ ئېسىل كوماندا سېپىنى سايلاپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلدى، بېلەت تاشلىغان تورداشلار 200مىڭ دىن ئېشىپ كەتتى. رونالدو، چىدانىي بىلەن ماراتونا بېلەتگە ئەڭ كۆپ ئېرىشتى. برازىلىيە كوماندىسىدىكى تۆت توپچى ، ئىسپانىيە كوماندىسىدىكى توپچى كاشىلىياس بىلەن ئىنىستا ئەڭ ئېسىل سەپ ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. ئېسىل سەپ 3-4-3 تەركىب بويىچە تۈزۈلىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى