خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى: 12–ئىيۇل 2014 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش كۈنى، بۇ كۈن، مەملىكەتلىك B دەرىجىلىك پۇتبول كۇلۇبلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كۇلۇبى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق پۇتبول مايسىلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى بولغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ بۇ مەكتەپتىكى كىچىك پۇتبول ماھىرلىرى بىلەن بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىغا 20 دانە پۇتبول سوۋغا قىلدى.
سۈرەتتە: بارى مۇھەممەتئەلى قاتارلىق پۇتبول چولپانلىرى 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى.
مەنبە: خەلق تورى