بېيجىڭ ۋاقتى 14-ئىيۇن سەھەر سائەت 00:00 دە ئۆتكۈزۈلگەن 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى A گۇرۇپپا 2-مەيدان مۇسابىقىسىدا مېكسىكا كوماندىسى پېلارتانىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن كامېرون كوماندىسىنى 0:1 يەڭدى. مۇسابىقە جەريانىدا مېكسىكا كوماندىسىنىڭ ئەزاسى دوس سانتوس ئىككى توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئاخىرقى چەكتىن ئالدىن ئېشىۋالغانلىقى ئۈچۈن ھېسابلانمىدى.
بېيجىڭ ۋاقتى 14-ئىيۇن سەھەر سائەت 1:00 دە ئۆتكۈزۈلگەن 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى B گۇرۇپپا 1-مەيدان مۇسابىقىسىدا گوللاندىيە كوماندىسى ئىسپانىيە كوماندىسىنى 1:5 يەڭدى. مۇسابىقىدە ئاۋۋال ئىسپانىيە كوماندىسى بىر نۇقتا توپ بىلەن ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، گوللاندىيە كوماندىسى غەيرەتكە كېلىپ ۋان پېرسى ۋە روببېننىڭ كىرگۈزگەن توپلىرى بىلەن ئارقىمۇ-ئارقا بەش توپ كىرگۈزۈپ، ئۆتكەن نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئىنتىقامىنى ئالدى.
بېيجىڭ ۋاقتى 14-ئىيۇن سەھەر سائەت 1:00 دە ئۆتكۈزۈلگەن 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى B گۇرۇپپا 2-مەيدان مۇسابىقىسىدا چىلى كوماندىسى ئاۋستىرالىيە كوماندىسىنى 1:3 يەڭدى. مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سانچېس بىر توپ كىرگۈزدى ۋە ئىككى مىنۇتتىن كېيىنلا بىر توپ ھۇجۇم پاسى بېرىپ، 1966-يىلىدىن كېيىن چىلى تارىخىدىكى بىر مەيداندا ھەم توپ كىرگۈزگەن، ھەم ھۇجۇم پاسى بەرگەن پۇتبولچى بولۇپ قالدى.