- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قازاقىستان پارلامېنتى رۇسىيىنىڭ قازاقىستان چېگراسى ئارقىلىق جۇڭگوغا نېفىت ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
2014.06.13 00:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
قازاقىستان پارلامېنتى 11-ئىيۇن رۇسىيەنىڭ قازاقىستان چېگراسى ئارقىلىق جۇڭگوغا نېفىت ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى.
بۇ كېلىشىم رامكىسىدا، رۇسىيە بېكىتكەن كارخانىلار ھەر يىلى قازاقىستان چېگراسى ئارقىلىق جۇڭگوغا 7 مىليون توننا نېفىت ئېكسپورت قىلىدۇ. بۇندىن كىيىن، رۇسىيىنىڭ بۇ تۇرۇبا يولى ئارقىلىق جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىدىغان نېفىتى يىلىغا 10 مىليون توننىغا يىتىدۇ.
كېلىشىمدە، نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدىكى نېفىت مىقدارىغا ۋە رۇسىيە بىلەن قازاقىستان كېلىشىمىدىكى بەلگىلەنگەن سان مىقدارىنىڭ ئوخشاشلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا، قازاقىستان زۆرۈر تېپىلغان ۋاقىتتا ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ئورنىدا بۇ تۇرۇبا يولى ئارقىلىق جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر