ئۇكرائىنا باش ئەدلىيە ئىدارىسى تورىدا 14-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، لۇگانسىك ئايرودۇرۇمىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئايروپىلاندىكى 49 ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېنىقلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 14-ئىيۇن سەھەر سائەت 1:00 ئەتراپىدا، ئۇكرائىنا مېلىتوپول ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 76-ئىل بەلگىلىك توشۇغۇچى ئايروپىلانى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى لۇگانسىك ئايرودۇرۇمىغا قونۇش جەريانىدا ئىككى راكېتا بومبىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلۈپ، ئايروپىلاندىكى توققۇز نەپەر ئايروپىلان خادىمى ۋە 40 نەپەر ھەربىينىڭ ھەممىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
نۆۋەتتە، ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى ئەدلىيە تارماقلىرى ۋەقەنى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.