- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچياڭ: نىشانلىق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، ئۇنىۋېرسال سىتېرولۇق قاتناش كارىدورى بەرپا قىلىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى قۇرۇپ چىقايلى
2014.06.15 22:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 11-چېسلا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاش تەلىپىگە بىنائەن، نىشانلىق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىساد ياخشىلاش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال سىتېرولۇق قاتناش كارىدورى بەرپا قىلىش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى قۇرۇپ چىقىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، «ئوبوروتچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلانى» مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، قوشۇلما قىممەت بېجى بويىچە مۇئەييەن ۋە ئومۇمىي باج تاپشۇرغۇچىلاردىن باج ئېلىش نىسبىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ۋە بىرىكتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش قارار قىلىندى. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر