- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى بېكىتىلدى
2014.06.13 13:16 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
9-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى بېكىتىلگەن بولۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 16-ئىيۇندىن 5-ئىيۇلغىچە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تورى(http://www.moj.gov.cn)غا كىرىپ، توردا تىزىملىتىش تەلەپلىرى، قەدەم-باسقۇچلىرى بويىچە توردا تىزىملاتسا بولىدىكەن. تىزىملاتقۇچىلار 5-سېنتەبىردىن 19-سېنتەبىرگىچە، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تورىدىن ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى چۈشۈرۈۋالسا بولىدىكەن، ئىمتىھان 20-، 21-سېنتەبىر كۈنلىرى ئېلىنىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىش ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۈرۈمچى رايونىدىكى ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار ئۈرۈمچى قانۇن تورى(http://www.wlmqfz.gov.cn)غا كىرىپ، 2014-يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى ئۇقتۇرۇشىنى كۆرسە، مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەردىن خەۋەردار بولىدىكەن. دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانى سىياسىتىگە دائىر چۈشىنەلمىگەن نۇقتىلارنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ سۈرۈشتۈرۈش تېلېفونى: 0991-2322045、2319673、2828044غا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر