باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلىرى ئۈچ يولغا بۆلىنىپ پايتەختنى قورشۇۋالدى

2014.06.15 23:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق ساقچى ئەمەلدارى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار دىيارا ئۆلكىسىنىڭ جېلولا بازىرى ۋە سادىھ بازىرىنى بېسىۋالدى، بۇ يەرنىڭ باغدات بىلەن بولغان ئارىلىقى 125 كىلومېتىر ۋە 95 كىلومېتىر كېلىدۇ. ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار قارا ماشىنىنىڭ ئۈستىگە پىلىموت ئورنىتىۋالغان ئىدى. شۇ يەرنى قوغداۋاتقان ئىراق ئەسكەرلىرى ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمەيلا قېچىپ كەتتى.

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرەيلەن نۇرغۇن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق خادىملارنىڭ ھۇجۇم قوزغاش ئۈچۈن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ساماررانىڭ ئەتراپىغا يىغىلغانلىقىنى كۆرگەن.

  ساماررا باغداتقا 110 كىلومېتىرلا كېلىدۇ. شەھەر مەركىزىدىكى ئەلى ھادى مەسچىتى شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار تارىخىدىكى 10-ئىمام ئەلى ھادى ۋە 11-ئىمام ھەسەن ئەسقەر قاتارلىق مۇھىم دىنى زاتلار دەپنە قىلىنغان مۇقەددەس دىنى جاي. 2006-يىلى فېۋرالدا، ئەلى ھادى مەسچىتى پارتىلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بۇ مەسچىتنىڭ قۇببىسى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋېتىلگەن، بۇنىڭ بىلەن ئىراقتىكى شىئە مەزھىپىدىكىلەر بىلەن سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەر ئارىسىدا قانلىق ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ، نۇرغۇن ئۆلۈم يىتىم بولغان ئىدى.

  ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئىراق بىخەتەرلىك قىسمى باغداتتا بىر تۈرلۈك يېڭى بىخەتەرلىك پىلانىنى باشلاپ، پايتەختنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدۇ.

  كۈزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىرغىچە ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار ئىگىلىۋالغان رايونلار ئاساسلىقى سۈنئىي مەزھەپتىكىلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلار. بۇ جايدا شىئە مەزھىپىدىكىلەر ئاساس قىلىنغان ئىراق ھەربىي ۋە ساقچىلىرىنىڭ شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىزچىل تۈردە جىددىي بولۇپ كەلگەچكە، ئۇلار يەرلىك ئاھالىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن، بۇمۇ ئىراق بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ ھە دېسىلا مەغلۇب بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

  تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئۈلۈشكۈن بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىپ، ئىراقتىكى تۈركىيەلىكلەرنىڭ ئىراقتىن دەرھال ئايرىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 11-ئىيۇن كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىراق ۋە لېۋانت ئىسلام دۆلىتى»گە تەۋە بىر توپ رادىكال قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ مۇسۇردىكى باش كونسولخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، باش كونسۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 49 دىپلومات ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە قوغدىغۇچىلىرىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئۈلۈشكۈن: ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكال قوراللىقلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش داۋامىدا ھەر قانداق ئېھتىماللىقنى قوللىنىشنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي: ئوباما بۇ ھەقتە تېزدىن قارار چىقىرىدۇ دېدى.

  ئىراقتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار قانداقسىگە بۇنچە كۈچلىنىپ كەتتى؟

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئوخشىمىغان دىنى مەزھەپ، قەبىلە، سىياسىي كۈچلەر ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇپ تاشلاندى. شىبە مەزھىپى تەختكە چىققاندىن كېيىن سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ كۈچ دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز تارايتىپ، سۈنئىي مەزھىپىدىكى بىر قىسىم قوراللىق كۈچلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىشىغا سەۋەبچى بولدى.

  ئامېرىكا ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئىراقنىڭ ئارمىيە ۋە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتتى، ئوخشاشلا دىنى مەزھەپلەر توقۇنۇشى تۈسىنى ئالغان سۇرىيە كىرزىسىمۇ قوشنىسى ئىراققا يامرىدى، يەنە كېلىپ سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى ئاھالىلەر مەركىزى ھۆكۈمەتتىن كۈندىن كۈنگە نارازى بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى بازا تەشكىلاتىنىڭ تارمىقى دەپ قارىلىپ كەلگەن «ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى» بۇ ئامىللاردىن پايدىلىنىپ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى.

  ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك قىسمى نېمە ئۈچۈن بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدۇ؟

  ھازىر ئىراق ئارمىيەسى بىلەن فېدېراتسىيە ساقچىلىرىنىڭ خادىملىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شىئە مەزھىپىدىن، نۇرغۇن ھەربىي ۋە ساقچىلار شىئە مەزھىپىدىكى خەلق ئەسكەرلىرىدىن كېلىپ چىققاچقا، ئومۇمىي جەھەتتىن شىئە مەزھىپىدىكى پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنىدۇ، دۆلەت ئېڭى كۈچلۈك ئەمەس، ئۇلارنىڭ سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاش رايونلارنى قوغداش ئىرادىسى كەمچىل، بۇنىڭدىن سىرت قىسىمنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ۋە قورال جابدۇقلىرىنىڭ سەۋىيەسىمۇ يۇقىرى ئەمەس، شۇنداقلا باشقۇرۇشى يېتەرسىز بولۇش، چېرىكلىك خىيانەتچىلىك قاتارلىق ھادىسىلەر مەۋجۇت.

  10-ئىيۇن مۇسۇر ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، شەھەر ئەتراپىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلمايلا چېكىنىشى، كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى، بەزىلەر: ئىراق بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ ھە دىسىلا چېكىنىشى مالىك ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ مەقسىتى جىددىيلىك پەيدا قىلىپ، پارلامېنتنى مەملىكەتنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلاشقا مەجبۇرلاش، مۇشۇنداق بولسا مالىك تېخىمۇ چوڭ ھوقۇققا ئېرىشەلەيدۇ، شۇنداقلا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت ۋۇجۇدقا كېلىشدىن ئىلگىرى رەقىبىنى مەغلۇب قىلالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر