باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ يەنبىڭ «جۇڭخۇا ھەققانىيەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ئۈلگىسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى

2014.06.15 22:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 12-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، جۇڭخۇا ھەققانىيەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش فوندى جەمئىيىتى جياڭشى ئۆلكىسى يىچۇن شەھىرىدىكى پىچاقلىق قارا نىيەت بىلەن ئېلىشقان ئۆسمۈر ليۇ يەنبىڭگە مەملىكىتىمىز بويىچە تۇنجى «جۇڭخۇا ھەققانىيەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ئۈلگىسى» دېگەن نامنى بەردى.

  

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھەققانىيەت ھەققانىيەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ ئېغىر يارىلانغان ليۇ يەنبىڭ ۋە يى جېڭيۇڭ تېببىي خادىملىرىنىڭ يۆلىشى بىلەن يەرگە چۈشۈپ ماڭالايدىغان بولدى، لېكىن يەنىلا مۇستەقىل ماڭالمىدى.

  5-ئاينىڭ 31-كۈنى، جياڭشى ئۆلكىسى يىچۇن شەھىرىدىن يۈەنجوۋ رايونى جىنرۇي بازىرىغا بارىدىغان كوچا ئاپتوبۇسىدا، بىر قارانىيەت تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ليۇ يەنبىڭ ۋە ئۇنىڭ ساۋاقدىشى يى جېڭيۇڭ قاتارلىق بەش يولۇچىنى چاناپ يارىلاندۇرىدۇ. بۇ قارانىيەت پىچاقنى كۆتۈرۈپ يەنە باشقا يولۇچىلارنى يارىلاندۇرماقچى بولغاندا، ليۇ يەنبىڭ يارىسىنىڭ ئاغرىقىغا پەرۋا قىلماي، ئېتىلىپ چىقىپ قارانيەتنىڭ قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋالىدۇ.

  ليۇ يەنبىڭ، يى جېڭيۇڭلارنىڭ ھەققانىيەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن تورداشلار بۇ ئىككى ئۆسمۈرنىڭ قەيسەرلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇپ، ئۇلارنى «ئەڭ گۈزەل ئوقۇغۇچى» دەپ ئاتىدى.

  ئۇلار ئېغىر يارىلىنىپ، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشالمىغانلىقتىن، جياڭشى ئۆلكىلىك مائارىپ ئىمتاھان يۇرتى مائارىپ مىنىستىرلىقىغا دەرھال دوكلات قىلدى. 8-ئىيۇن، جياڭشى ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ باش مۇپەتتىشى تاڭ سەينەن قاتارلىقلار مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى يۈەن گۇيرېنغا ۋاكالىتەن ليۇ يەنبىڭ ۋە يى جېڭيۇڭنى يوقلىدى. تاڭ سەينەن مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ ئىمتاھان بېرەلەيدىغان بولغاندا، بىز ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان قەغىزىنىڭ B نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ، ئۇلاردىن ئايرىم ئىمتاھان ئېلىپ، ئايرىم قوبۇل قىلىمىز. جياڭشى ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى ئىمتاھانلىق قوبۇللاش لايىھەسىنى تۈزۈۋاتىدۇ» دېدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ جياڭشى ئۆلكىسىدە تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئايرىم ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇش ھېسابلىنىدىكەن. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر