باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 10 نەچچە ئالىي مەكتەپ قارا نىيەت بىلەن ئېلىشقان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلماقچى

2014.06.11 00:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-چېسلا، ليۇ يەنبىڭنىڭ ئاتا-ئانىسى دوختۇرخانىدا ئۇنىڭغا قاراۋاتاتتى. مىليونلىغان ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىششقا تەييارلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، جياڭشى ئۆلكىسى يىچۇن شەھىرىنىڭ تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ليۇ يەنبىڭ كېسەل كارىۋېتىدا ساۋاقداشلىرىنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا كېتىۋاتقانلىقىغا ئامالسىزلارچە قاراپ ياتاتتى. جەمئىيەت باتۇر ۋە ھەققانىي بولۇشقا چاقىرىق قىلىۋاتقاندا، بۇ ياش كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىر ماشىنا ئادەمنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى ساقلاپ قالغان. گەرچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئادەمنى قانائەتلەندۈرىدىغان «ئەخلاق جەھەتتىكى ئىمتىھان قەغىزى»نى تاپشۇرۇپ بولغانىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋۇ جۇڭخاۋ فوتوسى

  2014-يىل 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يۈ خەن «چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2014-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش يىغىنى»دا مۇنداق دېدى: «چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەخلاق نەمۇنىچىسى ياشلىرىغا بۇرۇندىن ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كەلگەن. بۇ يىل جياڭشىدا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشالمىغان ئوقۇغۇچى ليۇ يەنبىڭغا قارىتا، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن ئالاقىلاشتى. ئەگەر ئۇ قايتا ئىمتىھانىغا قاتناشقاندىن كېيىن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تىزىملىتىش ئويى بولسا، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ». يۈ خەن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئەگەر ليۇ يەنبىڭنىڭ قايتا ئىمتىھان بەرگەندىكى نەتىجىسى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ 1-تۈركۈم تولۇق كۇرۇس چېكىگە يەتسە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا قاتناشسا بولىدۇ. ليۇ يەنبىڭ تۇرۇشلۇق مەكتەپنىڭ مۇدىرى يۈ بىنخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەربىي شىمال سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارمۇ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ 1-تۈركۈم تولۇق كۇرۇس چېكىگە يېتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى. جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ يىچۇن شەھىرىدە قارا نىيەتكە كۆكرەپ كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئوقۇغۇچى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 9-چېسلا كەچكىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇخەي ئىنىستىتۇتى، ئاۋمېن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە نەنچاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 نەچچە ئالىي مەكتەپ ليۇ يەنبىڭ ۋە يى جېڭيۇڭنىڭ يىچۇن 3-ئوتتۇرا مەكتىپى ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش سىياسىتى بويىچە ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر