شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 8-ئىيۇن، پاكىستان كاراچى، پاكىستاننىڭ مەلۇم بىر خەلقئارا ئايرودۇرۇمى نامەلۇم قوراللىق ئونسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئايروپورت بىناسىغا بۆسۈپ كىرىپ بىنادىكى قوغدىغۇچى خادىملار بىلەن ئېتىشقان. مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئاز دېگەندە 14 ئادەم ھۇجۇمدا قازا قىلغان. ئەڭ يېڭى خەلقئارا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ ئېيتىشىچە، كاراچى ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلغان قوراللىق ئونسۇرلارنىڭ ھەممىسى ئېتىپ تاشلانغان.