- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 6 جىددىي ئەھۋالدا توك تەمىنلەش ئاپتوموبىلى بۇيرۇق كۈتۈش ھالىتىدە تۇرىدۇ
2014.06.09 11:17 مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
2014–يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئېلېكتىر تارماقلىرى توك توختىتىپ، تەكشۈرۈش–رېمونت قىلىش خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرمايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، توكقا كاپالەتلىك قىلىپ ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ، ئېلېكتىر توك لىنىيەلىرىنى چارلايدۇ ھەمدە 6 جىددىي ئەھۋالدا توك تەمىنلەش ئاپتوموبىلىنى سەپلەپ ، ئىمتىھان مەزگىلى ئۈچۈن بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك توك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىرى ئۈرۈمچى توك تەمىنلەش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە ، بۇ شىركەت ئالدىنقى ئايدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەيدانلىرىنىڭ توكىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ ، 37 ئىمتىھان مەيدانىغا چېتىشلىق تىرانسىفورموتور پونكىتى ، توك تەمىنلەش لىنىيەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك توك تەمىنلەش شىركىتىنىڭ 6 جىددىي ئەھۋالدا توك تەمىنلەش ئاپتوموبىلى ھەمدە جىددىي رېمونت قىلىش خادىملىرى 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرىدىغان بولۇپ ، جىددىي ئەھۋال ۋە ئالاھىدە ئەھۋالغا دەل ۋاقتىدا تاقابىل تۇرىدۇ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر