باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گەنسۇ: ئىنتىزام، پاكلىق ۋە ئىستىل جەھەتتىكى باياننى باھالاش پارتكوملارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى

2014.06.12 23:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا: «پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پارتكوملار ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. گەنسۇدا، پارتكومنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى ئۆزى ئۈلگە بولۇپ بېرىپ، مەسئۇلىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى ئۆزى باشلامچى بولۇپ چىڭ تۇتۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋىلايەت، شەھەرلەر ۋە ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلاردىكى پارتكوملىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ ئىنتىزام، پاكلىق ۋە ئىستىل جەھەتتىكى بايانلىرىنى باھالاش نەتىجىسىنى بۇندىن كېيىنكى تاللاپ ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسىي قىلدى.

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن تاڭزۇڭزا بايرىمىدا، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ سەنيۈن لەنجۇدىكى ئەڭ چوڭ تاللا بازىرىغا بېرىپ بىر قېتىم ئۇشتۇمتۇت تەكشۈردى، ئاساسلىقى تاڭزۇڭزا بايرىمى مەزگىلىدە ئىدارە ئورۇنلاردا ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن تاڭزۇڭزا قاتارلىق بايراملىق سوۋغات سېتىۋېلىش ئەھۋالىنىڭ بار يوقلىقىنى تەكشۈردى.

  ۋاڭ سەنيۈن سودا سارىيىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن، سودا سارىيىدىكى تالون كېسىش پۇكىيىگە كېلىپ، ئىدارە ئورۇنلارنىڭ تالون كەستۈرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈردى.

  شۇجى ۋاڭ سەنيۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆزۈم باشلامچى بولۇپ مۇھىم بايرام مەزگىلىدە ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن ئىستىمال قىلىپ سوۋغا تەقدىم قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى چىڭ تۇتۇشۇمدىكى سەۋەب - ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ تۆت خىل ناتوغرا ئىستىلنى چىڭ تۇتۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش.

  ۋاڭ سەنيۈن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بەزى ۋىلايەت، شەھەرلەردە بىرىنچى قول باشلىقنىڭ تونۇشى ئېنىق بولماسلىق سەۋەبىدىن پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنى پەقەت بەزى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئورۇنلاش دەپ چۈشىنىپ، يىغىن ئاچساقلا، ھۆججەت تارقاتساقلا ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلدۇق دەپ قاراپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى تامامەن چىڭ تۇتمىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم بۇ يىل بەلگىلىمە چىقىرىپ ھەر قايسى شەھەر، ئوبلاست ۋە ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلاردىكى پارتكوملارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىر نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ئاز دېگەندە ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىغا ئىنتىزام، پاكلىق ۋە ئىستىلىنى بايان قىلىش ھەمدە ئۇنىڭ باھالاش نەتىجىسىنى بۇندىن كېيىنكى كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسىي قىلىش كېرەك دەپ بەلگىلىدى.

  ۋاڭ سەنيۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى پارتكوملارنىڭ مەسئۇلىيەت ئاساسىي گەۋدىسىنى چىڭ تۇتۇش. ھەر قايسى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىرى، شەھەر باشلىقلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىرمۇ بىر سۆھبەتلىشىشمۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. سۆھبەتنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەمدە قاراتمىلىققا ئىگە ئۆزگەرتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر