رۇسىيە ئاخبارات تورىنىڭ 10-ئىيۇن تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ، رۇسىيەنىڭ T-50بەلگىلىك 5-ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانى 10-ئىيۇن موسكىۋادا سىناق ئۇچۇپ يەرگە قونۇۋاتقاندا ئوت كەتكەن .
رۇسىيە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئېيتىشىچە ، T-50 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلان يەرگە قونۇۋاتقاندا كاشلا كۆرۈلۈپ ، ئوت كەتكەن ، بىراق ئوت ناھايىتى تېزلىكتە ئۆچۈرۈۋېلىنغان .
سۇخوي شىركىتىنىڭ شۇ كۈنى بىلدۈرۈشىچە ، ئوت كەتكەن T-50 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلان ناھايىتى تېزلىكتە رېمونت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ ، سىناق ئۇچۇشقا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن .