7-ئىيۇن ، تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى يىڭلاكنىڭ باڭكوكتىكى مەلۇم چوڭ تاللا بازىرىدا ئايلىنىۋاتقان سۈرىتى ئاشكارىلانغان بولۇپ ، بۇ يىڭلاكنىڭ قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن ئاممىغا ئاشكارىلانغان تۇنجى سۈرىتى ئىكەن . تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ، تۇتۇپ تۇرۇلغان سابىق زۇڭلى يىڭلاك 1-ئىيۇن تۇنجى قېتىم Facebook تورىدا سۆز قىلىپ ، ئۆزىنى قوللايدىغان خەلققە رەھمەت ئېيتقان ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ ھوقۇقنى ئىگىلىۋالغان ھەربىي تەرەپ ۋە ئۆزىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا سۆز ئاچمىغان .