باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسى» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

2014.06.12 23:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  25-ئىيۇندىن باشلاپ، رەسىم سېزىش، سېنغا ئېلىش، قۇراشتۇرۇش، سۈرەت تارتىش، ھەيكەلتىراشلىق قاتارلىق سەنئەت شەكلىدىكى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچى شەھەر ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شەھەر خەلقى دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى سەنئەتكارلارنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  10-ئىيۇن «تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسى» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى خەلقئارا قوش يىل كۆرگەزمىسى 25-ئىيۇندىن 20-ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاساسلىقى مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدۇ. تەشكىلى كومىتېت تۈرلۈك يوللار ۋە شەكىللەر ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا كېرىش بېلىتى ھەدىيە قىلىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ياۋ شياۋجۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،«زامانىۋى مەدەنىيەتنى باشلامچى » يىپەك يولىنىڭ «بىرىكىش، ئېچىۋېتىش، يېڭلىق يارىتىش»تەك قىممەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئىشلەپچىقىرىشىغا پائال تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر