باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەر قايسى ئۆلكىلەر پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرىدۇ

2014.06.12 23:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى يېقىندا «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى تەپسىلىي پىرىنسىپى»نى تارقاتتى، تەپسىلىي پىرىنسىپتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شەھەر، ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق، ناھىيە، شەھەر، رايون، خوشۇنلۇق پارتكوملار پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرىدۇ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملار يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىدۇ ھەم تۆۋەنگە ئۇقتۇرىدۇ. بۇنىڭدا ياش ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار ئىچىدىن پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇن قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىغان، ئەمما ئۇزۇن مۇددەت پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرمىغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا قارىتا، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوملار يېتەكلەش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا، تەشكىللەپ تەرتىپكە سېلىشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر