باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ

2014.06.12 23:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى فەن خېڭشەن تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رايونلار ئىستراتېگىيەسىدىن قارىغاندا دۆلەت شىنجاڭدىكى رايونلارنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، نۆۋەتتە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات شارائىتى بىلەن تەرەققىيات ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى، ئەمما جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئاستا، ئومۇمەن نامرات رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، مەركەز ئاچقان ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇنداقلا يېڭى تەدبىرلەر چىقىرىلدى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى رايونلار ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن جەنۇبىي شىنجاڭ قاتارلىق رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ھەققىدە ئالاقىدار مەخسۇس پىلان تۈزدى، فەن خېڭشەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ رايونلار ئىستراتېگىيەسى تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش پىرىنسىپىدا ئىپادىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تىپ ، نۇقتىلىق رايونلار چىڭ تۇتۇلۇش كېرەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەش ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم رايونى ۋە گۈيجۇ، گەنسۇ قاتارلىق كونا ، ئازاد،ئاز سانلىق مىللەت ۋە چەت ياقا، نامرات رايونلارغا قارىتا مەخسۇس ھۆججەت ۋە پىلان تارقىتىلدى، شىنجاڭ بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، جەنۇبىي شىنجاڭغا قارىتىلغان پىلاننىڭ بەزىلىرى باشقا ھۆججەتلەردىمۇ بار، ئالايلۇق، 14 مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن نامرات رايوننىڭ ئالاقىدار نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا نامراتلارنى يۆلەشكە ئالاقىدار پىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ سىياسەتلەر ئۇل ئەسلىھە، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇھىت ئاسراش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر