باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە رۇسىيىنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان جاۋابكارلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى

2014.06.17 02:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 15-ئىيۇن تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىكى جاۋابكارنى جازالىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە رۇسىيىگە بۇ ۋەقە كەلتۈرگەن زىياننى تۆلىشى كېرەك.

  رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 14-ئىيۇن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى بىلەن كىيېۋتىكى فاشىزمنىڭ غالچىلىرى رۇسىيىنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە رۇسىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا ھاقارەت كەلتۈردى، رۇسىيە بۇنىڭدىن ئىنتايىن غەزەپلەندى. رۇسىيە ئۇكرائىنادىن بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كىيېۋتىكى رۇسىيە دىپلوماتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر