باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون ئۇكرائىنا ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

2014.06.17 02:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 14-ئىيۇن كەچتە باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان تىرانسپورت ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى ھەمدە ئۇكرائىنا كرىزىسىنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى.

  باياناتدا مۇنداق دېيىلدى: بان كىمون ئۇكرائىنانىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان پورشېنكو بىلەن ئۇكرائىنا خەلقنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە نۆۋەتتىكى جاپالىق پەيتتە، ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنا خەلقى بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بان كىمون بارلىق تەرەپلەرنىڭ كرىزىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇكرائىنانىڭ بىرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى.

  ئۇكرائىنا باش ئەدلىيە ئىدارىسى تورىدا 14-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، لۇگانسىك ئايرودۇرۇمىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئايروپىلاندىكى 49 ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېنىقلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 14-ئىيۇن سەھەر سائەت 1:00 ئەتراپىدا، ئۇكرائىنا مېلىتوپول ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 76-ئىل بەلگىلىك توشۇغۇچى ئايروپىلانى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى لۇگانسىك ئايرودۇرۇمىغا قونۇش جەريانىدا ئىككى راكېتا بومبىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلۈپ، ئايروپىلاندىكى توققۇز نەپەر ئايروپىلان خادىمى ۋە 40 نەپەر ھەربىينىڭ ھەممىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر