- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


زوراۋان-تېرروچىلارغا يوشۇرۇنغۇدەك جاي، قاچقىدەك يول قالدۇرمايلى
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى جىنايى ھەرىكەتلەرنى ئاكتىپ پاش قىلدى
2014.06.17 02:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 23-كۈنى زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى جىنايى ھەرىكەت ۋە گۇمانلىق خادىملارنى پائال پاش قىلىپ ۋە مەلۇم قىلىپ، ساقچى تەرەپنىڭ زوراۋان-تېررورچىلارنى قولغا چۈشۈرۈشىگە ھەمكارلىشىپ، تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى «دېڭىزى» شەكىللەندۈرۈپ، زوراۋان-تېرروچىلارغا يوشۇرۇنغۇدەك جاي، قاچقىدەك يول قالدۇرمىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ج خ ئورگانلىرى پائال پاش قىلغان، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن ۋە قورال-ياراغ، ئوق-دورا ۋە پارتلاتقۇچالرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان ئاممىنى ماددىي جەھەتتىن مۇكاپاتلاپ، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن ئاممىنىڭ سالاھىيىتى مەخپىي ساقلاۋېتىپتۇ. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر