- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 122 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى مەركەزلىك تۈزىتىلىدۇ
2014.06.19 10:21 مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 122 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى 16–ئىيۇندىن باشلاپ مەركەزلىك تۈزىتىلىدۇ . مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك باھا نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك باھا نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئىدارىسى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش مۇلازىمىتىدىن ھەق ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي ئىجرا ئىدارىسى) نىڭ ئاپتوموبىل توختىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ، شەھىرىمىزدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىنى مەركەزلىك تەكشۈرىدىكەن .
ئالاقىدار خادىمنىڭ ئېيتىشىچە ، شەھەر ئاھالىلىرى ئاپتوموبىل توختىتىشتا ئەگەر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى خىزمەتچىسىنىڭ كەسىپكارلىق سالاھىيەت كىنىشكىسىنى تاقىمىغانلىقىنى بايقىسا ھەق تۆلەشنى رەت قىلسا بولىدىكەن ، شۇنداقلا 7777775 غا ياكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك باھا نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونى 12358 غا تېلېفون قىلىپ ، پاش قىلسا بولىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر