باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئىراقتىكى قوراللىقلار ئىراقتىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى جاكارلىدى(1)

2014.06.20 10:41         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق ئاممىسى رادىكال قوراللىق تەشكىلاتىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بەس-بەستە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلماقتا

  ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 18-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراقتىكى سۈننى مەزھەپتىن بولغان رادىكال قوراللىق تەشكىلاتى ‹‹ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام جۇمھۇرىيىتى››(ISIS) يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ ئىراقتىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ــ Baiji نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنى ئىگىلىۋالغانلىقى ھەمدە ئاز دېگەندىمۇ 100 نەپەر چەت ئەللىك ئىشچىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىراق زۇڭلىسى مالىك ئاممىنى ھەققانىيەتچى قوشۇن تەشكىللەپ، بارغانسېرى قىستاپ كېلىۋاتقان توپىلاڭچى ئۇنسۇرلارغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغان. بۇ چاقىرىققا ئاساسەن، شىئە مەزھىپىدىكى نۇرغۇن كىشى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە كىرىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان.

  ISIS تەشكىلاتى جاكارلاپ:‹‹بىر كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت داۋاملاشقان كەسكىن جەڭدە، بىز ئىراقتىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ 4/3 قىسمىنى ئىگىلىۋالدۇق، ئاز دېگەندىمۇ 100 نەپەر چەت ئەللىك ئىشلەمچىنى تۇتقۇن قىلدۇق›› دېگەن. بۇ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدىكى بىر ئەمەلدار دەلىللەپ:‹‹قوراللىق ئۇنسۇرلار ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى، مەمۇرىيەت بىناسى شۇنداقلا تۆت كۆزىتىش مۇنارىنى ئىگىلىۋالدى، بۇ قۇرۇلۇشلار نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ 4/3 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ›› دېگەن.

  بىر ياللانما خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، خەۋپسىزلىك قىسمىدا ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن، زاۋۇتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى جېنىنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن. Baiji نېفىت ئايرىش زاۋۇتى تاقالغان.

  بىراق، ئىراق ھۆكۈمىتى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ قوراللىقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىنكار قىلغان. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باياناتچىسى ساباھ نۇرى: ‹‹نېفىت ئايرىش زاۋۇتى يەنىلا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۈچ تەرەپتىن كەلگەن 50~60 قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ 6~7 ئاپتوموبىلنى ۋەيران قىلدى›› دېگەن. ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ISIS تەشكىلاتىنىڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا بولغان ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، 40 ئۇنسۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.

  Baiji نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ئىراق نېفىت ئايرىش گەۋدىسىنىڭ 4/1ىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى بېنزېن، يېمەكلىك ماي شۇنداقلا توك چىقىرىشقا يېتەرلىك يېقىلغۇ قاتارلىقلار بولۇپ، نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ئۇزۇن مۇددەت تاقىلىپ قالسا، ئىراقتا توك يېتىشمەسلىك كۆرۈلۈپ، ئاپەت ئۈستىگە ئاپەت بولىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر