باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئېنىرگىيەدە تېجەشلىك بولۇش شىنجاڭ ساياھەت مېھمانسارايلىرىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلەتتى

2014.06.20 13:21   مەنبە: خەلق تورى

ئېنىرگىيەدە تېجەشلىك بولۇش شىنجاڭ ساياھەت مېھمانسارايلىرىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلەتتى

  ئۈرۈمچى خەۋىرى/ شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: 19–ئىيۇن ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى قېتىم ئېنىرگىيەدە تېجەشلىك بولغان شىنجاڭ رۇيخاۋ خەلقئارا مېھمانسارىيى، شىنجاڭ زۈنماۋ كۈمۈش ئاستانە مېھمانسارىيى قاتارلىق 11 يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي مۇكاپاتلاندى.

  ـــ مېھمانسارىيىمىزدا 2012 – يىلىدىن باشلاپ ئېنېرگىيەدە تېجەشلىك بولۇشنى يولغا قويغاندىن بۇيان پەلەمپەي لېفىتىغا سېزىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ، ئادەم لېفىتقا دەسسىگەندە ھەرىكەتكە كېلىش، بولمىسا قوزغالماسلىق، ھاجەتخانا، كارىدور چىراقلىرى ئادەم كىرگەندە ياكى ماڭغاندا يورۇش، بولمىسا ئۆچۈك ھالەتتە تۇرۇش، يازدا قۇياش ئېنېرگىيەلىك مونچا ئىشلىتىپ، توك سەرپىياتىنى ئازايتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تېجەشلىك بولۇپ، يىللىق مالىيە چىقىمىنى %8.78 دىن تېجىدۇق،- دېدى شىنجاڭ «رۇيخاۋ» خەلقئارا مېھمانسارىيىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى ما رۇيجۈن.

  ئىگىلىشىمچە، 2007 – يىلى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى ساياھەت يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايلىرىدا ئېنېرگىيەدە تېجەشلىك بولۇشنى، «يېشىل مېھمانساراي» بەرپا قىلىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە 18 «يېشىل مېھمانساراي» بارلىققا كەلگەن، 2015 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايلار ۋە A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھلارنىڭ سۇ تېجەشچانلىقىنى %20 كە يەتكۈزۈش پىلانلانغان. يېڭىدىن سېلىنغان ياكى سېلىنىدىغان مېھمانسارايلارنى تەستىقلەشتە ئېنېرگىيە تېجەشچانلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش ئالدىن شەرت قىلىنغان.

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز