باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز ئالىي مەكتەپلىرى مۇستەقىل قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى

2014.06.20 00:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۆگۈندىن باشلاپ، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ «ئاپتاپ ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانى» سۇپىسى تورى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئالاھىدە قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە مۇستەقىل قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار، سەنئەتتە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەر قاتارلىقلار بار. ئىلگىرىكى يىللاردىكى پەقەت ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى، ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە تۈرىنىلا ئېلان قىلىشقا ئوخشىمايدىغىنى، بۇ يىل ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلار خېلىلا تەپسىلىي بولدى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ نەيزە ئېتىش نەتىجىسىدىن تارتىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئېرىشكەن قوبۇل قىلىش ئېتىبار نومۇر قىممىتى قاتارلىقلار بىرمۇ بىر ئېنىق ئەسكەرتىلدى. بۇ يىل بېيجىڭدا جەمئىي 356 نەپەر ئوقۇغۇچى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىككى مەكتەپنىڭ مۇستەقىل قوبۇل قىلىش نومۇر قوشۇش مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشىگە ئېرىشتى، قوشۇلغان نومۇرى ئەڭ كۆپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھان نومۇرى بىرىنچى تۈركۈم نومۇر چېكىگە يەتسە قوبۇل قىلىنىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر