باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى مەجبۇرلاش ۋاستىسى ئارقىلىق قانات يايدۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرىمىز

2014.06.19 23:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئاۋازى «ھەرخىل خەۋەرلەر» سەھىپىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگو ئاۋازى يېقىندىن بۇيان جياڭشى گەنجوۋ شۈنۋۇ ناھىيەسىنىڭ «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بىلەن كۆپ تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىقنى چېتىش» ئىشىغا داۋاملىق دىققەت قىلغان. مەزكۈر سەھىپىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، جياڭشى جىئەن، خۇبېي يىچاڭ، گۇاڭدوڭ شەنتوۋ قاتارلىق جايلاردىكى ئاڭلىغۇچىلار تېلېفون قىلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايلاردىمۇ يېڭى تۇغۇلغان بالىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇشتا چوقۇم ھالقا سېلىش ياكى بوغۇش ئەھۋالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭغا قارىتا، دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى جۇڭگو ئاۋازىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرلاش ۋاستىسى ئارقىلىق قانات يايدۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 17-چېسلا «جۇڭگو ئاۋازى»غا قايتۇرغان جاۋابىدا يەنە مۇنداق تەكىتلىدى، دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرلاش ۋاستىسى ئارقىلىق قانات يايدۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ھەر قايسى جايلاردىن نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى ۋە پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش نىزامىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى بىلىش ۋە تاللاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىپ، ئاز تۇغۇشنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، مۇۋاپىق چارىلىرىنى تاللاشقا يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يەنە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەتتە يېتەكچىلىك قىلىشنى، تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، نوپۇسقا ئېلىشنى ھالقا سېلىش، بوغۇش قاتارلىقلار بىلەن باغلىۋېلىشتەك خاتا قىلمىشلارنى تۈزىتىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر