باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نوپۇس ئىسلاھاتىدا قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىش يولغا قويۇلمىدى

2014.06.23 08:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 21-ئىيۇن جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى مۇنبىرىدە، «2014-يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ھەققىدىكى پىكىر»نى شەرھىلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۇپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى نۇرغۇن كىشىنىڭ يۆتكىلىشىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ھازىر بۇ جەھەتتىكى ئىسلاھات تاق يۆنىلىشلىك يۆتكىلىش يەنى يېزىلاردىن شەھەرگە قاراپ يۆتكىلىش ھالىتىدە بولۇپ، يەر مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا، شەھەرلەردىن يېزىلارغا قاراپ يۆتكىلىش تېخى يولغا قويۇلمىدى.

  تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى كۇڭ جىڭيۈەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يەر-زىمىن تۈزۈمى ئىسلاھاتى نۇرغۇن جەھەتلەردە سىناق قىلىنماقتا. بۇ شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر، ئوخشاش يەرگە ئوخشاش باھا قويۇش، تەڭ دەرىجە بىلەن بازارغا كىرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، بۇ دۆلەت، كوللىكتىپ، دېھقانلاردىن ئىبارەت 3 تەرەپنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى قەدەممۇ-قەدەم رەتكە راۋانلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر