باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شياڭگۇي قاتارلىق رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغدى، يېقىندىن بۇيان جەنۇبتىكى قاتتىق يامغۇر-كەلكۈن ئاپىتىدە 26 ئادەم ئۆلدى

2014.06.23 21:21   مەنبە: خەلق تورى

جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شياڭگۇي قاتارلىق رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغدى، يېقىندىن بۇيان جەنۇبتىكى قاتتىق يامغۇر-كەلكۈن ئاپىتىدە 26 ئادەم ئۆلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شياڭگۇي قاتارلىق رايونلىرىدا ئۇدا نەچچە كۈن قاتتىق يامغۇر ياغدى. دۆلەت ئاپەتنى يېنىكلىتىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 22-چېسلا سائەت 11 گە قەدەر، فۇجيەن، جياڭشى، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭشى، چۇڭچىڭ، سىچۇەن، گۇيجوۋ، يۈننەن قاتارلىق 9 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) دە 4 مىليون 896 مىڭ ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان، 26 ئادەم ئاپەت سەۋەبىدىن ئۆلگەن، 3 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان.

  ئاپەت سەۋەبىدىن 337 مىڭ ئادەم جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 115 مىڭ ئادەم جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىغا ئېھتىياجلىق بولغان، 8700 دىن كۆپرەك ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 66 مىڭ ئۆي ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئاپەتكە ئۇچرىغان زىرائەت كۆلىمى 283 مىڭ 800 گېكتارغا، ھوسۇل ئېلىشقا بولمايدىغان يەر كۆلىمى 42 مىڭ 200 گېكتارغا، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 4 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز