خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنىستىتۇتىنىڭ تۇنجى قارارلىق ئۇسسۇل رېژىسسورلۇق شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇسسۇلىنى ئىشلىگەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى قاتارلىق ئويۇنلار ئورۇنلاشقا قاتناشقان ئۇسسۇللۇق تىياتىر «دۆڭگۈرۈمەگە مۇھەببەت» 22-ئىيۇن بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنىستىتۇتى يېڭى تىياتىرخانىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوينالدى.
بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىر «دۆڭگۈرۈمەگە مۇھەببەت» 2012-يىللىق «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس» نامزاتى چېگرا مۇھاپىزەتچىسى بۇرماخان مولدونىڭ ھاياتلىق سەرگۈزەشتىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، تىياتىردا بۇرماخاننىڭ قېرىنداشلىق مېھرى، ئارمىيە-خەلق مېھرى ئىپادىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە باش قەھرىمان بۇرماخاننىڭ يېقىنقى ئەللىك يىللىق ھاياتىدىكى تىز پۈكمەس، ئۆكۈنمەس، ھاياتىنى ئۈن-تىنسىز ھالدا ۋەتەننىڭ چېگرا مۇھاپىزەت ئىشلىرىغا بېغىشلاشتەك ئالىيجاناپ ۋەتەنپەرۋەرلىك مېھرى-مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن. (خەلق تورى تەھرىرى ئالىم راخمان خەۋىرى)
سۆرەتتە: تىياتىردىكى قىسمەن كۆرۈنۈشلەر
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى