خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، كوماندا قۇرۇش ۋە مەشىق ئەھۋالىغا قارىتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ھەر بىر تۈر مەكتىپىگە بىر تۈمەندىن ئۈچ تۈمەنگىچە مەشىق راسخوتى ياردەم قىلىدۇ. بەلگىلىمىدە يەنە، دەرستىن سىرتقى مەشىقنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر قايسى جايلار مەشقاۋۇل قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي مەشىق راسخوتى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ياردەم ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇتبول، ۋالىبول، ۋاسكېتبول تۈرلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدىكى تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى