- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىئەندىكى ئۇنۋېرسىتىت روژدىستىۋو بايرىمى ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى جازالىماقچى بولدى
2014.12.28 20:26 مەنبە: توغراق تورى
12-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 لەر ئەتراپىدا، مەلۇم تورداش مىكروبىلوگ تورىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، شىئەن شەھىرىدىكى غەربىي شىمال ئۇنۋېرسىتىتى زامانىۋى ئىنىستىتۇتىنىڭ مەكتەپ ئىچىدە ‹ جۇڭگولۇقلار روژدىستىۋو بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە قارىتا ئېھتىياتچان پوزىتسىيىدە بولۇشى، مەدەنىي كوللىكتىپنىڭ ئاڭسىزلىقىدىن بۆسۈپ چىقىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرايلى› ، ‹ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى بولۇشقا تىرىشىپ، غەرب بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە قارشى تۇرايلى›، ‹ غەرب مەدەنىيىتىنىڭ كېڭىيىشىگە قارشى تۇرايلى› دېگەن مەزمۇندىكى خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى ئېسىپ قويغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى تەشۋىقات پىلاكاتلىرىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى غەربىي شىمال ئۇنۋېرسىتىتى زامانىۋى ئىنىستىتۇتى كومېتىتى، غەربىي شىمال ئۇنۋېرسىتىتى زامانىۋى ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتنىڭ ئىمزاسى بېسىلغانىدى. يەنە بەزى تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تىنچلىق كېچىسى مەكتەپ تەرەپ پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى دەرسخانىلارغا يىغىپ، ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تەشۋىقات فىلىمى كۆرۈشكە تەشكىللىگەن. تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ‹ ھەر بىر سىنىپ ئالدىدا بىردىن ئوقۇتقۇچى ‹ پوست› تا تۇرغان بولۇپ، مەكتەپتە كىم روژدىستىۋو بايرىمى ئۆتكۈزسە شۇ ئوقۇغۇچى جازالىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان› ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر