خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ26 -دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شۇ يەر ۋاقتى 25-دېكابىر ، ئەنگلىيە«كۈندۈلۈك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرى: 32ياشلىق ئانا نەلى پراخوۋا لوندونلۇق بىر فوتوگراف. ئۇ يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنى ھەرخىل قىزىقارلىق سۈرەتگە تارتىشنى ياخشى كۆرىدۇ .ئۇ ئۈچ سائەت ئەجىر قىلىپ بالىلارغا مەيدان ھازىرلايدۇ، ئۇلار ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ، ئۆزى قەدىرلەپ ساقلىغان 20 ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىكى زىننەت بۇيۇمى ۋە كىيىملىرى بىلەن بۇ بالىلارنى ياسايدۇ. ئۇ، بالا تۇغۇلۇپ ئون كۈن بولغاندا بالىلارنى سۈرەتكە تارتقاندا ياخشى چىقىدۇ دېدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى