باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توڭ ئېرىشكە باشلىدى

2014.12.28 21:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۇبا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ رەئىسى رائول كاستىرو 17-دېكابىر ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا سۆھبەتنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تەرەپلەرنىڭ بۇ قارارى قارىماققا بەكلا تۇيۇقسىزدەك تۇيۇلسىمۇ، لېكىن ئۇلار قارار جاكارلاشتىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم يوشۇرۇن سۆھبەتلەشكەنىدى.

  ئامېرىكا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوباما 2012-يىلى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا بىر قاتار يىغىن ئېچىپ، ئىككىنچى قېتىملىق زۇڭتۇڭلۇق مەزگىلىدىكى سىياسىي كۈنتەرتىپلەرنى مەسلىھەتلەشكەن. ئوباما ئەمەلدارلارنىڭ «تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرۇپ»، ئامېرىكا بىلەن كۇبا ۋە ئىراننىڭ ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيانقى دىپلوماتىيە قاتماللىقىنى ئوڭشاشنى تەلەپ قىلغان.

  ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى تاراتقۇلارغا ئامېرىكا-كۇبانىڭ پەردە ئارقىسىدىكى سۆھبەت ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇش قىلغاندا: ئوباما ئامېرىكىنىڭ كۇباغا يۈرگۈزگەن دىپلوماتىيە سىياسىتىنى «ئۈنۈملۈك ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كەتتى» دەپ قارايدۇ، دېگەن.

  ئوباما كېررىنى دۆلەت كاتىپلىقىغا تەيىنلىگەندە، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ كۇباغا يۈرگۈزگەن دىپلوماتىيە سىياستىدىن نارازى ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن. ئامېرىكا دەسلىپىدە كۇبا ئامېرىكىلىق سودىگەر ئېلىن گىروسنى قويۇپ بەرمىگۈچە، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى «توڭنى ئېرىتىش» قىيىن، دەپ قارىغان، شۇڭا كۇبا بىلەن ئۇچراشقاندا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولغان. ئوباما بۇلتۇر باھاردا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى ئەمەلدارىغا كۇبا ھۆكۈمىتى ۋەكىلى بىلەن سۆھبەتلىشىش ھوقۇقىنى بەرگەن.

  ئامېرىكا ئەمەلدارى: ئامېرىكا بىلەن كۇبا قارشى تەرەپ پايتەختىدە دىپلوماتىيە مەنپەئەت ۋەكىلخانىسى ۋە كۇبادا تۇرۇشلۇق نىيويورك ب د ت باش ئىشتابى ئەلچىلەر كېلىشتۈرۈش ئورنى قۇرۇشتى، دېگەن.

  ئوبامانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى بېنجامېن روز ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى لاتىن ئامېرىكىسى ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى رىكادو سۇنيە 2013-يىلى ئىيۇندا كاناداغا بېرىپ، كۇبا ۋەكىللىرى بىلەن تۇنجى قېتىم سۆھبەتلەشكەن. تەرەپلەر ۋەكىللىرى جەمئىي توققۇز نۆۋەت سۆھبەت ئۆتكۈزۈگەن. ئامېرىكا بىلەن كۇبا سۆھبىتىنىڭ كۆپىنچىسى كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن، لېكىن كانادا ھۆكۈمىتى بىۋاستە قاتناشمىغان. سۆھبەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىۋاستە كۆرۈشۈشكە باشلىغان. ئامېرىكا باش كاتىپى كېررى كۇبا دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىرونو روجروگېز پاررىلىيا بىلەن كۆپ قېتىم تېلېفونلاشقان.

  ئۇزاق مەزگىل ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي بوغۇشىغا ئۇچرىغان كۇباغا نىسبەتەن، ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى قايتا قوزغىتىشنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆرمەك ئىنتايىن ئاسان، ئۇنداقتا ئامېرىكا بۇ ئىشقا نېمىشقا شۇنچە ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدۇ، سۆھبەت باشلانغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشغا يەنە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ، ئامېرىكا-كۇبا مۇناسىۋىتى جۇڭگوغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى جىن شەنرۇڭ: ئامېرىكا-كۇبا مۇناسىۋىتى نورماللاشسا، ئامېرىكىغا نىسبەتەن چوڭ بىر بازار كۆپىيىدۇ، لېكىن ئوبامانىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتتا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇشى ئاساسلىقى سىياسىي مىراس قالدۇرۇپ قويۇش ئۈچۈندۇر، دەپ قارىدى.

  جىن شەنرۇڭ: ئوبامانىڭ بۇنداق قىلىشى دېموكراتلارنىڭ كېلەر يىلىدىكى سايلىمى ئۈچۈن ئىجابىي كۈچ توپلاشتۇر، ئامېرىكا-كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى دېموكراتلارنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ سودىگەر سايلىغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتىشقا، ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىگە پايدىلىق. جۇڭگوغا نىسبەتەن، ئامېرىكا-كۇبا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشنىڭ ئاكتىپ تەسىرىمۇ بار. جۇڭگو كۇبانىڭ ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكى، چەكلىمە بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، كۇبانىڭ ئىقتىسادىي مۇھىتى تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ كۇبادا سودا قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىشىغا پايدىلىق، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر