باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىنى چوڭقۇر تونۇيلى

2014.12.28 21:43         مەنبە: توغراق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يېڭى تۇراقلىق ھالەتنى تونۇش، يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە ماسلىشىش، يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە يېتەكچىلىك قىلىش»تىن ئىبارەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى چوڭ قانۇنىيەتنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، «يېڭى تۇراقلىق ھالەت» ئارقىلىق تۈرلۈك ئىقتىساد خىزمەتلىرىگە ھەقىقىي يېتەكچىلىك قىلىش ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەلەپ بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەش، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يېڭى تۇراقلىق ھالەت يېڭى پۇرسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يېڭى ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ. يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە ئاكتىپ ماسلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى رايون ئەھۋالىنى يېتەرلىك، ئېنىق تونۇشتىن ئىبارەت. شىنجاڭنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئانالىزى ۋە ھۆكۈمىنىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىدى. ھازىر شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالەت ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ روشەن بولۇۋاتىدۇ، يەنى سۈرئەت ئۆزگىرىۋاتىدۇ، قۇرۇلمىنى ياخشىلاشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى جەزمەن ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ۋە ئەگىشىشتە، بىز جەزمەن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەركەزنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالەت توغرىسىدىكى چوڭقۇر تونۇشى ۋە مۇھىم ھۆكۈمى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتى، يېڭى پۇرسىتى، يېڭى ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى تۇراقلىق ھالەتنى ئىقتىساد خىزمىتىنى پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئالدىنقى شەرتى، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى پىرىنسىپى قىلىپ، يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يېڭى تۇراقلىق ھالەت ئالدىدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكى، يېڭى يۈزلىنىشىنى جەزمەن توغرا ئىگىلەش كېرەك. مەسىلەن، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن ئوتتۇراھال سۈرئەتتە ئېشىشقا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلى كۆلەملەشكەن، سۈرئەت تىپىدىكى يىرىك ئېشىشتىن سۈپەت، ئۈنۈم تىپىدىكى تۈجۈپىلىك ئېشىشقا، ئىقتىسادىي قۇرۇلما مىقدارنى ئاشۇرۇش، ئىقتىدارنى كۈچەيتىشنى ئاساس قىلىشتىن زاپاس مىقدارنى تەڭشەش، ئاشۇرۇلما مىقدارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش تەڭ مەۋجۇت بولۇشتەك چوڭقۇر تەڭشەشكە ئۆزگەرمەكتە، ۋەھاكازالار. بىز جەزمەن بۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ يېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىدىكى يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى يۈزلىنىشلەرنى ئېنىق تونۇپ، توغرا ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يېڭى تۇراقلىق ھالەت ئالدىدا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى پۇرسەتلەرنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىش، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى غەنىيمەت پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، شۇڭا ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىشنىڭ غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يېڭى تۇراقلىق ھالەت ئالدىدا، بىز بۇ يېڭى پۇرسەتلەردىن يېتەرلىك، ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشىگە پايدىلىق بولغان پەيت ۋە پۇرسەتنى ماھىرلىق، سەزگۈرلۈك بىلەن چىڭ تۇتۇپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ئەۋزەللىك بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يېڭى تۇراقلىق ھالەت ئالدىدا، كېلەر يىلى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى دۇچ كېلىدىغان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىسلارنى جەزمەن توغرا ئىگىلەش كېرەك. يېڭى تۇراقلىق ھالەت يېڭى خىرىس پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلغاندا، كېلەر يىلى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدىن بۇيانقى ئەڭ قىيىن بىر يىل بولۇشى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى يەنە بىر قېتىم «قەھرىتان قىش»قا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، كېلەر يىللىق ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك قەتئىيلىك ۋە نورمال روھىي ھالەتنى ساقلاپ، كۈلپەت ئېڭى، پۇرسەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تىرىشىپ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر