جۇڭگو ئىقتىسادىي ئورمان بىرلەشمىسى يېقىندا چەرچەن ناھىيەسىگە ‹‹جۇڭگو چىلان يۇرتى›› دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى .
نۆۋەتتە ، چەرچەن ناھىيەسىدىكى چىلانلىق ئومۇمىي كۆلىمى 170 مىڭ موغا ، مەھسۇلات مىقدارى 29 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈلگەن بولۇپ ، دېھقانلارنىڭ چىلانچىلىقتىن كىرگەن كىشى بېشى ساپ كىرىمى 7500 يۈەندىن ئېشىپ ، يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ %70 ىنى ئىگىلەيدۇ . 2010-يىلى چەرچەن ناھىيەسى مەملىكەتلىك ‹‹يېشىل يېمەكلىك خام ئەشياسى (چىلان) ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش بازىسى›› قۇرۇپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى ‹‹مەملىكەتلىك يېشىل يېمەكلىك خام ئەشياسى (چىلان) ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش بازىسى›› بولۇپ قالغان .