باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان 14 پويىزنىڭ بېلىتىنى سېتىش ۋاقتى تەڭشىلىدۇ

2014.12.28 21:15         مەنبە: توغراق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ يولۇچى توشۇش بۆلۈمىدىن ئىگەللىشىچە، تۇرپان-كورلا ئىككىنچى لىنيىسىدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 14 يولۇچىلار پويىزىنىڭ ئالدىن سېتىلىش ۋاقتى تەڭشىلىدىكەن ۋە بىر ۋاقىتتا خىجىڭ بېكىتىنىڭ يولۇچى توشۇش خىزمىتى ۋاقىتلىق توختىتىلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندىن تارتىپ ( قېتىملىق پويىزلار شىئەن تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتىنى ئۆلچەم قىلىدۇ)،تور،تېلېفون ۋە بېلەت سېتىش كۆزنىكى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا قاتنايدىغان 14 يولۇچىلار پويىزىنىڭ 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە بولغان بېلىتى سېتىلىدۇ،بۇنىڭ ئارىسىدا كورلا-شىئەن K170، شىئەن-كورلا K169، ئاقسۇ-باۋجى K1662، باۋجى-ئاقسۇ K1661، ئۈرۈمچى جەنۇبىي-كورلا K9756/7،كورلا-ئۈرۈمچى جەنۇبىي K9758/5،ئۈرۈمچى جەنۇبى-ئاقسۇ K9776/7،ئاقسۇ-ئۈرۈمچى جەنۇبى K9778/5،ئۈرۈمچى جەنۇبى-قەشقەر K9786/7، قەشقەر-ئۈرۈمچى جەنۇبى K9788/5، ئۈرۈمچى جەنۇبى-خوتەن5826/7، خوتەن-ئۈرۈمچى جەنۇبى5828/5،ئۈرۈمچى جەنۇبى-قەشقەر7556/7،قەشقەر-ئۈرۈمچى جەنۇبى7558/5 .2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يۇقىرىقى پويزلارنىڭ بېلىتىنى سېتىش توختىتىلىدۇ، سېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، خىجىڭ بېكىتىدە چۈشۈپ چىقىدىغان پويىز بېلەتلىرى سېتىش توختىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر