باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت 500 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ چۈشۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپىنى قوللىدى

2014.06.20 00:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ئارقىمۇ-ئارقا ئۈچ قېتىم مەخسۇس تۈر مەبلىغى چۈشۈرۈپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىن 530 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى شىنجاڭنىڭ قوشتىل مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  ئۈچ تۈر مەبلىغى ئىچىدىكى سوممىسى ئەڭ چوڭ بىر تۈر مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى 292 مىليون 480 مىڭ يۈەن مەبلەغ شىنجاڭدىكى مىللىي-خەنزۇ بىرلەشتۈرۈلگەن ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىگە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان ۋىلايىتى، قۇمۇل ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن مۇڭغول ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى جەمئىي 16 مىللىي-خەنزۇ بىرلەشتۈرۈلگەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قوللايدۇ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 181028 كۋادىرات مېتىر بولىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر